باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىلاشتۇرۇشقا تايىنىپ چەتئەللەرگە يۈزلەنمەكتە

2015.05.22 17:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ماركىلاشتۇرۇش شەكلى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىرىش يولى كېڭەيدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت سودا كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭەيگەن، 2007-يىلىدىكى ئېكسپورت سوممىسى 37 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا، 2014-يىلى 71 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  سودا مىقدارى ئاشقاندىن سىرت، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىلىرىنى خەلقئاراغا كېڭەيتىش جەھەتتىمۇ كۆپ كۈچ چىقاردى. بۇ يىل ئىتالىيەنىڭ مىلاندىكى دۇنيا كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگو سارىيىدا تونۇشتۇرۇش يىغىنى، نەتىجە كۆرگەزمىسى، ھەتتا باش تېمىلىق مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كۆرگەزمە قىلىنىپ، خەلقئارالىق سېتىش يوللىرى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسى 2008-يىلىدىكى 600 مىڭدىن ئېشىپ 2012-يىلى بىر مىليون 251 مىڭ 500 گە يەتكەن، تۆت يىلدا بىر ھەسسە ئېشىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغان.

  يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىشى-يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ماركىلاشتۇرۇش ۋە چەتئەلگە چىقىرىشقا يەنىمۇ ئاساس سېلىپ بەردى. تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئۆستى، تېخنىكا جەھەتتىكى تاشقى ياردەم-جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ماركىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى، ھەتتا رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. ئۆلچەملەشتۈرۈشكە تايانغان ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھەم ئۆزلۈكسىز يېڭىلانغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ماركىلار جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى تەدرىجىي ئۆستۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر