باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز مالىيەسىدىن 124 مىليارد 300 مىليون ئاجرىتىلىپ شەھەر، بازار كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدۇ

2015.05.21 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مالىيەسى يېقىندا شەھەر، يېزا كاپالەتلىك ئۆي ئەمىن قۇرۇلۇشىغا 124 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىپ، جايلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ تۆۋەن كىرىملىك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىجارە تولۇقلىمىسى، جامائەت ئىجارە ئۆيى ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىدىكەن. ھازىرغىچە مەركەز مالىيەسىنىڭ شەھەر، يېزا كاپالەتلىك ئەمىن قۇرۇلۇشى مەخسۇس تۈر مەبلىغى خامچوتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش تاماملىنىپ بوپتۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار 2015- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن مەركەز مالىيەسى ئاجراتقان شەھەر، يېزا كاپالەتلىك ئەمىن قۇرۇلۇشى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى شەھەر(ناھىيە)لەرگە چۈشۈرۈشى ھەم شەھەر، يېزا كاپالەتلىك ئەمىن قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر بايلىقى خورىغان شەھەرلەر ۋە ئۈچىنچى تۈردىكى كارخانىلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن شەھەرلەرگە مايىل بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىلە شەھەر(ناھىيە)مالىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەت(قۇرۇلۇش) سۈرئىتىگە قاراپ مەبلەغنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر