باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى ۋەزىيەتتىكى بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك

− شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2015.05.21 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسەت، ئىتتىپاقلىق مەڭگۈلۈك باش تېما. «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ يىغىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى ۋەزىيەتتىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ بىرلىك سەپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  بىرلىك سەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىشنىڭ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىش، ھاكىمىيەت ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتىرى. پارتىيىمىز بىرلىك سەپنى باشتىن-ئاخىر پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغانلىكى كۈچلەر بىلەن تىرىشىپ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتكە كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلىك سەپنى چوڭقۇر تارىخىي بەلگىگە ئىگە، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە ياراتقان «ئېسىل ئەنئەنە»گە ئايلاندۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ئوبيېكتى ئادەم بولۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى زورايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەلنى مايىل قىلىش، كۈچ سېلىشتۇرۇش كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا، بىرلىك سەپنىڭ ماھىيىتى ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىشىپ ئەلرايى ۋە كۈچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيەتنى مەۋقە قىلىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ چىقارغان ئىلمىي ھۆكۈمى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ كۈچى ئاجىز بولغاندا بىرلىك سەپكە موھتاج بولىدىغانلىقى، كۈچى كۈچلۈك، ھاكىمىيەتنى ئۇزاق مەزگىل ئىگىلەپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغانلىقى؛ ئىنقىلاب قىلغاندا بىرلىك سەپكە موھتاج بولىدىغانلىقى، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات قىلىشتىمۇ يەنە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، يۈكسەك تارىخىي ۋارىسلىق ۋە رېئاللىقتىكى قاراتمىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىرلىك سەپ ئورنىنىڭ رولىغا بولغان تونۇشنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر