باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كولومبىيەدە تاغ گۈمۈرۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن زۇڭتۇڭ سانتوستىن ھال سورىدى

2015.05.21 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن كولومبىيەدە ئېغىر تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭىزلاردا ئېغىر تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال مۈلۈك زىيىنى بولغانلىقىنى ئۇقۇپ قاتتىق چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋە دۆلىتىڭىزلار ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كولومبىيە خەلقىنىڭ چوقۇم تەبىئىي ئاپەت ئۈستىدىن غالپ كېلىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كولومبىيەنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن كولومبىيەدە ئېغىر تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كولومبىيەنىڭ شىمالىدا يېقىندا ئېغىر تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن كولومبىيە ھۆكۈمىتى ھەم خەلقىدىن شۇنداقلا قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. مەن سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، ئاپەت بولغان جايلاردىكى خەلقنىڭ يۇرت-ماكانىنى ئاپەتتىن كېيىن تېزدىن قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كولومبىيەگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر