خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 -ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر، گۈلگىنە ئەركىن خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق 33-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ كورلا شەھىرى يېڭىشەر يېزىسىغا چۈشكەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش-مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمەت ئەترىتى يېڭشەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكىمىتى بىلەن بىرلىكتە 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش، «ئورتاق كۆرۈش،ئورتاق ئۆگىنىش، ئورتاق خوشال بولۇش» تېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، يېڭشەر يېزىسىنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزۈش ئەترىتى، ئوبلاسىت، شەھەردىن چۈشكەن «3ئەل»خىزمەت گۇرۇپپىسى، يىڭشەر يېزىسىدىكى كادىرلار، ئامما بۇلۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
مۇسابىقىدە «مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىنى قۇغداشنى، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن» تېمىسىدا كوللېكتىپ قەسەم بېرىلدى. مۇسابىقە ئارلىقىدا سەنئەت نومۇرلىرى، مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاپ قاتارلىقلار مەزمۇنلار مۇسابىقىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
سۈرەتتە: يېڭشەھەر يېزىسىنىڭ 19-ماي ئېلىپ بارغان 33-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى