باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بېرمىنىڭ زەمبىرىكىنىڭ جۇڭگو چېگرا رايونىدىكى پۇقرالارنى يارىلاندۇرغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2015.05.21 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 –ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېرما ھەربىي يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر يېقىندا مۇنداق دېدى: بېرما توپ ئوقىنىڭ 14- ماي جۇڭگو چېگرا رايونىدىكى پۇقرالارنى يارىلاندۇرغانلىقى بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى گوگەن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن دائىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىندا بېرمىنىڭ توپ ئوقىنىڭ جۇڭگو چېگرا رايونىدىكى پۇقرالارنى يارىلاندۇرغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېرمىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئەستايىدىل، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى ھەم جۇڭگوغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنى تۈگىتىپ، ۋەزىيەتنى تېزدىن تىنچىتىپ، جۇڭگو- بېرما چېگرا رايونىنىڭ نورمال تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. بېرما جۇڭگوغا رەسىمىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو بېرمىنىڭ رەسىمىي خەۋەر بېرىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر