باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقاتتى تور سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ ھەق تۆۋەنلىتىلىدۇ

2017- يىلى 4G تورى شەھەر، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلايدۇ

2015.05.21 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تور سۈرئىتى تېزلىتىش، ھەقنى ئازايتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى تارقاتتى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا دۆلىتىمىز ئوپتىك تالا تور شەھىرى ۋە 4- ئەۋلاد كۆچمە ئالاقىلىچىلىكى(4G) تور قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ، تور قۇرۇلۇشىغا 110 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، تور سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلىپ، تور ھەققى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈنلەي ئوپتىك تالا تورى شەھىرى ۋە 4- ئەۋلاد كۆچمە ئالاقىچىلىكى(4G)تور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا تور قۇرۇلۇشىغا 110 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 2015- يىلى تور قۇرۇلۇشىغا 43 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدۇ، 2016-2017- يىلى جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 70 مىليون يۈەندىن كەم بولمايدۇ. 2015- يىلى مىس كابېل ئۇلانغان 45 مىڭ مەھەللىنى ئوپتىك تالاغا ئۆزگەرتىش تاماملىنىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئوپتىك تالا 80 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىگە كىرىدۇ؛ يېڭىدىن 14 مىڭ مەمۇرىي كەنتكە كەڭ بەلباغلىق تور ئۇلىنىدۇ، 10 مىڭ مەمۇرىي كەنتتە ئوپتىك تالانى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ؛ 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق 4G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇپ، يېزا- بازاردىن يۇقىرى رايوندا تور بىلەن قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 4G ئابونچىلىرى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، مۇقىم كەڭ بەلباغ 2015- يىلىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر