باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش مۇھىت ئاسراش نىزامىنامىسى»نى ئىزچىللاشتۇرش ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى

2015.05.22 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: 20-ماي، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومتىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لۇ فاجىڭ، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن شۇسەن باشچىلىقىدىكى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومتىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى باي ناھىيەسىدە «ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش مۇھىت ئاسراش نىزامىنامىسى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. قىزىل يېزىسى چىگرىسى ئىچىگە جايلاشقان قارا 2-گازلىق مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گازلىق بولۇپلا قالماي، دۆلەتنىڭ غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى. گازلىقنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىمۇ ھازىر ئاسىيادىكى كۆلۈمى ئەڭ زور بولغان تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسىدا، تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ قارا 2-گازلىق مەشخۇلات رايونىدا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، دوكلات ئاڭلاش، نەق مەيداننى كۆزدىن كۆچۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە گازلىقنىڭ «ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش مۇھىت ئاسراش نىزامنامىسى»نى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە يەنىمۇ يوقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر