خې جۇڭ: بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يېقىندا ئۇنى بىكار يېتىپ مائاش ئالدى دېگەن گۇمان ئەۋج ئالدى.
خۇاڭ لېي: بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ بىر تەرەپتە مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، يەنە بىر تەرەپتە كىنو ئىشلىگەن،بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ پلاستىنكىنىمۇ چىقارغان. تېلېۋىزىيەدىكى خۇاڭ لېي بىلىملىك كۆرۈنىدۇ. ئوقۇتقۇچى خۇاڭ لېي بولسا قاتتىق قول ۋە تەلەپچان. دەل مۇشۇنداق زالىم ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىدە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىققان. ئۇ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
فەن بىڭبىڭ: كىنو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى قۇرغاندىن كىيىن، فەن بىڭبىڭ ئۆزىمۇ ئوقۇتقۇچى بولدى، گەرچە بەك ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋاقتى بولسىلا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇغۇچىلارغا سەھنە تېكستى ۋە ماھارەت دەرس بىرىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ سەھنە ئەسىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەشىق قىلدۇىدۇ.
ليۇ خۇەن: دۆلەت ئىچى ناخشا ساھەسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ناخشىچى، تاشقى ئىقتىساد - سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىلى 10 نەچچە يىل بولغان، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپ مۇقۇم ھەم ئەركىن، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت قىلىشىغا ئازراقمۇ تەسىر قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى.
شۈ جىڭلەي: كىنو ئىشلەشتىن باشقا يەنە ئانا مەكتىپى بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتقا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولدى.
چېن جيەنبىن: مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ۋاڭ جىۋېي: مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
جاڭ تيېلىن: گۇاڭجۇ جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى
فېڭ گۇڭ: مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى كۈلدۈرگە ئالىي تېخنىكوم سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
جاڭ گولى: چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ، پىراففىسور , ماھارەت كۆرسىتىش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى
ما يۈن: خاڭجۇ ئېلېكتىرون سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئىنگلىزتىلى ۋە خەلقئارا سودا كەسپىدىن دەرس بېرىدۇ
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى