باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ھەرىكەتچان تەشۋىقات پونكىتى» ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق-تەربىيەسىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى

2015.05.21 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 -ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەسىدىكى تەبەسسۈم تاكسى مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە ئۇششاق ھالقىلارغىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقاتتىكى سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە رولنى ياخشى ئالغانلىقتىن ھەر بىر ماشىنا ھەرىكەتچان تەشۋىقات پونكىتى بولۇپ، ھەر بىر شوپۇر ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى خالىسانە تەشۋىقاتچىغا ئايلاندى.

  بۇ پۇقراۋى تاكسى شىركىتىنى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس دىلشات ھەسەن 2005-يىلى قۇرغان بولۇپ، ھازىر 394 تاكسى، 746 شوپۇر بار، ھەر بىر شوپۇردا بىردىن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قوللانمىسى» بولۇپ، بۇ قوللانمىنى دائىم ماشىنىدا ساقلاپ، تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمەت قوللانمىسىدا شوپۇرلار ۋە ئائىلە ئەھۋالى ئۇچۇرلىرى، شوپۇرلارنىڭ ئاۋاز قوشۇش، ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش پائالىيىتىنى خاتىرىلەش ۋە ساقچىخانىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدىن بەرگەن ئىسپاتى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا شىركەت يەنە ھەر ئايدا بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا ئائىلە تەۋەلىرىگە قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، شوپۇر ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئۆزگىرىشلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى تازىلايدۇ.

  ماشىنىغا سەككىز خىل تەشۋىقات ماتېريالى، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قاتناش رادىئوسى پروگراممىسى ھەمدە ھەرىكەتچان تەشۋىقات شوئارى سەپلەنگەن، كۆچمە نوپۇسلارغا بولغان تەشۋىقاتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يوقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن، ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈلۈپ، ھەر بىر شوپۇر ۋە يولۇچى تەرببىيەگە ئىگە قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر