خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 -ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزا يۇقىرىقى پاختەكلە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاتىگۈل مامۇت يېقىندا قەشقەر شەھىرى بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئانا» شەرىپىكە ئېرىشتى. بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ئاتىگۈل مامۇت 1988- يىلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ بەش پەرزەنتىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، بىر مۇنەۋۋەر ئانىنىڭ خىسلىتىنى نامايەن قىلدى
سۈرەتتە: ئاتىگۈل مامۇت ئانا ئۆيىدە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى