باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا ۋە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك، دېدى

2015.05.20 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ خۇلاسە يىغىنى ۋە تەقدىرلەش يىغىنى 19-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكىتىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غايە، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.شى جىنپىڭ قاتارلىقلار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لەردە بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كېلىپ ۋەكىللەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەبرىكلىدى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئالاھىدە كۈچىنى قۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچلىك، سادىق قوغدىغۇچىلىرى، ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا رازى نامسىز قەھرىمانلار بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر