باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى

2015.05.21 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنى 18-مايدىن تۈنۈگۈنگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكسەپ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىرلىكسەپنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىكسېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كەڭ كۆلەملىك مەدەت بېرىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە، پارتىيەمىز بىرلىكسەپ ۋە بىرلىكسەپ خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن تېرىشىپ ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىغىلى بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ كەلگەن. ھازىر پارتىيەمىز تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن، دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى، تاشقى ۋەزىيەت، زېممىسىگە ئالغان مەجبۇرىيەت، ۋەزىپىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئۆزگىرىش قانچە چوڭ بولغانسېرى، بىرلىكسەپنى شۇنچە راۋاجلاندۇرۇپ، بىرلىكسەپ خىزمىتىنى شۇنچە ياخشى قانات يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەت، دىن خىزمىتىنىڭ ھەممىسى ئومۇملۇق خاراكتېرىدىكى خىزمەت. بۇلتۇر ئېچىلغان مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ زور فاڭجېنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يىغىننىڭ روھىنى چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دىن خىزمىتى ماھىيەت جەھەتتىن ئاممىۋى خىزمەت، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزى قۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆز ئارا ئۇيغۇن كېلىشكە پائال يېتەكلەش لازىم. دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ئۆز ئارا ئۇيغۇن كېلىشكە پائال يېتەكلەشتە، جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دىننىڭ ئىجتىمائىي رولىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دىننى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشقا تېرىشىپ يېتەكلەش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ بىرلىكسەپكە موھتاج ياكى موھتاج ئەمەسلىكى، قانداق بىرلىكسەپكە موھتاجلىقى، بىرلىكسەپنى قانداق مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بىرلىكسەپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى بىرلىكسەپ خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بىرلىكسەپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۆزلۈكسىز ئېچىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر