باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يول ئېلىمىز مەبلەغ سېلىش سودا ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلدى

2015.05.21 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ ئىستىقبالى ۋە ھەرىكىتى» جەريانىدا، مەبلەغ سېلىش سودا ھەمكارلىقى مۇھىم نۇقتا بولدى. نۆۋەتتە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە سودا شەكلى، چەتئەللەردىكى سانائەت باغچىلىرىنى تايانچ قىلغان چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى-ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلماقتا. موسكۋادا ئىشلەيدىغان رۇس قىزى ئولىيا چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مال تاپشۇرۇۋالىدىغان جايغا كېلىپ، توردىن سېتىۋالغان جۇڭگونىڭ بىر مەھسۇلاتىنى قولىغا ئالدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز ئاياغ ئالماقچى بولساق چوقۇم گۇاڭجۇ، شاڭخەيدىكى دۇكانلارغا بېرىشىمىز كېرەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز شېنجىن ئىدى، ئەمما رۇسىيەدە جۇڭگونىڭ تېز يوللانما كەسپى توردىن مال سېتىۋالىدىغان ئەڭ چوڭ سەھنە بولۇپ قالدى. تېزدىن كۆپىيىۋاتقان زاكازمۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروت ھەمكارلىقىنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ يۈزدىن ئارتۇق جۇڭگو-رۇسىيە مەخسۇس لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئەشيا ئوبوروتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى.

  نۆۋەتتە، بىر بەلباغ، بىر يول لىنىيەسىدىكى تېخىمۇ قولاي، راۋان بولغان تور يىپەك يولى رۇسىيەدىلا ئەمەس، بۇ لىنىيە بويىدىكى باشقا جايلاردىمۇ چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. 1-پەسىلدە، ئېلىمىز بىلەن بىر بەلباغ، بىر يول بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى بىر تىرىليون 450 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %10 تىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېكسپورت ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.5 پوئېنىت يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى ئالتۇن ئۈچبۇرجەك بەلبېغى بولغان جۇڭگو-مىسىر سۇۋەيىش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىمۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان ئەينەك تالا تۈرى-جۇڭگونىڭ مىسىردىكى سالغان مەبلىغى ئەڭ كۆپ سانائەت تۈرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىسىر، ھەتتا ئافرىقىدىكى يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى بوشلۇقنىمۇ تولۇقلىدى. نۆۋەتتە، 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سېلىنغان، كۆلىمى ئالتە كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سۇۋەيىش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونىنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ئىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ شۇ جاي ئۈچۈن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ.

  بىر بەلباغ، بىر يول لىنىيەسىدە، ئېلىمىز نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى ۋە ئاساسلىق مەبلەغ مەنبەسىگە ئايلاندى. ئۆتكەن ئون يىلدا، ئېلىمىز بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %19 ئاشتى، ئېلىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %46 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېلىمىز تاشقى سودىسى ۋە چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يىلىغا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر