باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق ئېھتىياجى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى

2015.05.20 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 10 - سانىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگونىڭ باش ۋەكىلى، جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئىجرائىيە ھەيئىتى يولداش زېڭ پېييەننىڭ بىر بەلباغ بىر يول پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق ئېھتىياجى، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېسىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېچىلغان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ مېڭىپ، ئاسىيانىڭ يېڭى كېلەچىكىنى يارىتايلى دېگەن ئاساسىي تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاسىيانىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا قەدەم تاشلاپ، ئىنسانلارنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە قىلغان تەشەببۇسى يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋەكىللەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەۋى مەزمۇنى ئېنىق بولۇپ، ئۆز ئالدىغا سىستېما شەكىللەندۈرگەن، مول ئىجادىيلىققا ئىگە. ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى گەۋدىلەندۈردى. ئۇنىڭدا خەلقئارا چوڭ ۋەزىيەت چىقىش قىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، قول تۇتۇشۇپ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلدى. شەرقنىڭ ئۆزگىچە ئەقىل - پاراسىتى نامايان قىلىندى. باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇن. ئاسىيا ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى يولى ۋە رېئال ۋاسىتىسى. جۇڭگونىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغۋار جۇڭگو لايىھەسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر