- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مودى موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولدى
2015.05.20 16:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 17-ماي موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى، زۇڭلىسى ۋە دۆلەت بۇيۇك خۇلارىنىڭ رەئىسى بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ 14 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ھەمكارلىق ساھەلىرى مائارىپ، تېببىي داۋالاش، ئېنېرگىيە، تور بىخەتەرلىكى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلدى. ئىمزالاش مۇراسىمىدا، مودى موڭغۇلىيەنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن تەيىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مودى 16-ماي جۇڭگودىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن موڭغۇلىيەگە بارغان. مودى تارىختا تۇنجى قېتىم موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولغان ھىندىستان زۇڭلىسى. بۇ يىل ھىندىستان بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر