باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

راك بىمارى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى

2015.05.21 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 -ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرمىز غالىب تۇرسۇن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن بۈگۈر بازىرى ياقىباغ كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بوغماق ئۈچەي راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئىسلامنى 800 يۈەن بىلەن يوقلىدى . بۇ ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنى 9- قېتىم يوقلىشى.

  بۇ يىل 3 – ئايدا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا 49 ياشلىق تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئائىلىسىدە بەش كىشى بارلىغىنى، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىقىنى، تۇرسۇن ئىسلامنىڭ 22 ياشلىق ئوغلى بىلەن سىرتلاردا ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى، بۇ يىل 2– ئايدا ئۇنىڭ بوغماق ئۈچەي راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، داۋالىنىش جەھەتتە كۆپ قىينالغانلىقىنى، باشقىلارغا 20 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن «كەنت ئىككى كومىتېتى» بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خەلق ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرسۇن ئىسلامنى قىيىنچىلىق تولۇقلىمىسى ۋە چوڭ كېسەل تولۇقلىمىسى ياردىمىدىن بەھرىمەن بولۇدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە ئۆز يانلىرىدىن 2000 يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرلىرى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇنى يوقلاپ، روھىي كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، غەيرەتلىك بولۇپ، كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر