باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇرتىدا قېلىپ قالغان تۆت بالىنىڭ بىنورمال قازا قىلىش ۋەقەسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى

2015.06.15 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى چېن رىفا گۈيجۇ ئۆلكىسى بىجې شەھىرى چىشىڭگۈەن رايونىدا يۇرتىدا قېلىپ قالغان تۆت بالىنىڭ بىنورمال قازا قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا 12-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ چىقىدۇ، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش قىيىن ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىلىرىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ماددىي ئەشيالار بىلەن ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە جەمئىيەت قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئارىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قۇتقۇزۇش ئوبيېكتلىرىغا پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ.

  چېن رىفا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپ، ھەقىقەتەن قارىغۇچىسى يوق، ئاتا ئانىسى تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان، ئاتا ئانىسى زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىق قىيىنچىلىقى ئېغىر بالىلارنىڭ پاراۋانلىق كاپالىتى ۋە جەمئىيەت قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى جەمئىيەت قۇتقۇزۇش سىناق نۇقتىسى ۋە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش تىپىدىكى بالىلار پاراۋانلىق تۈزۈمى سىناق خىزمىتىنى تېزلىتىپ، سىناق خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇرتىدا قېلىپ قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر