باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى

2015.06.15 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ شاھىتى. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا سالىدىغان سېلىنمىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەخسۇس تولۇقلىما خىراجىتىنى 2010-يىلىدىكى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن 2014-يىلى 8 مىليارد يۈەنگە كۆپەيتتى. مۇشۇ پۇرسەتتە، ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى چۆرىدىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىندى.

  2014-يىلى، چوڭ قانال، «يىپەك يولى: چاڭئەن-تەڭرىتاغ كارىدورى يول تورى» نى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئېلىمىزدە دۇنيا مىراسى 47 گە يېتىپ، دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى، ئۇندىن باشقا 43 تۈر «جۇڭگو دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى زاپاس تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلدى.

  بەش يىل داۋاملاشقان 3-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش 2011-يىلى 12-ئايدا ئاياغلاشتى. تەكشۈرۈشتىن شۇ ئايان بولدىكى، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە تىزىمغا ئېلىنغان كۆچمەس مەدەنىي يادىكارلىقتىن 760 مىڭدىن كۆپرەكى بار ئىكەن، مەملىكەت بويىچە كۆچمەس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەھۋالى يەنىمۇ ئېنىقلىنىپ قالماستىن، يەنە يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈلگەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سىياسەتلىرى ۋە ساۋاتلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ۋە ئومۇملاشتۇرۇلغان.

  2013-يىلى 3-ئايدا، گوۋۇيۈەن 7-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 1943 نى ئېلان قىلدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 4296 سى بار. ئالدىنقى بىر قانچە تۈركۈمدىكىگە قارىغاندا، 7-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارىسىدا سانائەت يادىكارلىقى، يېزا ئىمارەتلىرى، مەدەنىيەت كۆرۈنۈشى قاتارلىق يېڭىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىر قەدەر كۆپ.

  دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 2014-يىلىدىن باشلاپ، 270 مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەركەزلەشكەن ئەنئەنىۋىي كەنتنى تاللاپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەنئەنىۋىي كەنتلەرنىڭ يادىكارلىقلارنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇھىتنى ئوڭشاش، كەسىپنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئەنئەنىۋىي كەنتلەرنى قوغداپ پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر