باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹پاتېنت مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى چارىسى››1–ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2015.06.12 21:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر توردا ‹‹55 گرادۇس لوڭقىسى››، ‹‹لىمون لوڭقىسى››نىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ، بىراق كۆپ قىسىم ئىستېمالچىلارنىڭ توردىن سېتىۋالغىنى تەقلىدىي بۇيۇم. 7 – ئايدىن باشلاپ، پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار يازما ئەرزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، پاتېنت ھوقۇقىغا چېقىلغانلىقىنى دەلىللىسە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئالاقىدار تور بېتىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ ياكى تاقىۋېتىدۇ.

  پاتېنت باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ بۇ قارارى 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹پاتېنت مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى چارىسى››گە ئاساسەن چىقىرىلغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدە ئىستېمالچىلار ۋە پاتېنت ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى مەقسەت قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2011 – يىلى 1 – فېۋرال يولغا قويۇلغان كونا چارىگە قارىغاندا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹پاتېنت مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى چارىسى››دە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ كىنىشكا بىلەن ئىشقا ئورنىغا چىقىش ۋە سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى چىڭىتىلغان، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ھەم كۆرگەزمە ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى قاراتمىلىق كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلغان بولۇپ، پاتېنت مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، پاتېنت ئىگىسى ۋە جامائەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، بازار تەرتىپىنى ساقلاشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر