باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەتئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەزا توپلىغان ‹‹ھىجرەت قىلىپ غازات قىلىش››نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش (3)

2015.06.12 21:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن چەت ئەلدىن تۇتۇپ كېلىنگەن نۇرغۇن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسىنى زىيارەت قىلدىم. ئەينى يىللىرى ئۇلار باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە ئازدۇرۇشى بىلەن چېگرادىن چىقىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان، بۇ ئالدامچىلىق ئويۇنىدا ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى شېرىن خىياللىرى ناھايىتى تېزلا بەربات بولغاچقا، قېچىش پۇرسىتى ئىزدىگەن. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى.

  ئالداپ كېلىنگەن تەشكىلات ئەزالىرى

  مەردان موللاخۇن ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىنى تىزىغىچە تۈرۈپ، ماڭا يالغان پۇتىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى چەت ئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تايانچ بازىسى بومباردىمان قىلىنغاندا زەخىملىنىپ تىزىدىن كېسىۋېتىلگەنلىكتىن، يالغان پۇت سالغۇزغان ئىكەن. ئۇ جاينىڭ داۋالاش شارائىتى ناچار بولۇپ، سالغۇزغان يالغان پۇت ئانچە ماس كەلمىگەچكە ئاغرىتىدىكەن. ئۇ: ‹‹شامال چىقىپ، يامغۇر ياغقان چاغلاردا، پۇتۇم بەك ئاغرىيدۇ››، دېدى.

  ئۇ: ‹‹ مەن تاغامنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن چېگرادىن چىقىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشتىم››، دېدى. مەردان قارامايلىق بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولغاچقا، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، كىيىم – كېچەك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ: ‹‹ سودا ياخشى بولغان چاغلاردا، يىلىغا 300 مىڭ يۈەن پۇل تاپالايتتىم. مەن ئايالچە ئەتلەس كىيىملەرنى بازارغا سېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىشنى ئويلىغان. تېخى ماركامنى ئەنگە ئالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا، تاغامغا ئالدىنىپ چەت ئەلگە چىقىپ كەتتىم››، دېدى. ئۇ تاغىسى قاتناشقان تېررورلۇق تەشكىلاتى تۇرۇۋاتقان جايغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹خۇددى ھازىرلا ئۇرۇش بولىدىغاندەك، نۇرغۇن كىشى قورال ئېلىپ يۈرىدىكەن. بىخەتەرلىك ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆگىنىش قىلغىدەك شارائىتمۇ يوق ئىكەن. 100 دوللارغا ئاران 20 كىلوگىرام گۈرۈچ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. بىز كەنتتىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كونا ئۆيلەردە تۇرغاچقا، ئۇ جاينى ئازراقمۇ ياقتۇرمىدىم››.

  شۇنىڭدىن كېيىن، تاغىسى ئۇنى بۇ تەشكىلاتنىڭ دىنىي تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىنىڭ ئالدىغا باشلاپ بارغان. ئۇ كىشى مەردانغا ‹‹غازات››نى ‹‹جەننەت››كە كىرىدىغان بىردىنبىر يول دەپ چۈشەندۈرگەن. يېرىم ئايدىن كۆپرەك ئۇدا ‹‹كاللا يۇيۇش››تىن كېيىن مەرداننىڭ ئىدىيەسى ئۆزگىرىپ بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان. كېيىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق بىلگەن مەردان موللاخۇن بۇ خىل تۇرمۇشتىن بىزار بولۇپ، پۇرسەت تېپىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان.

  ئابلىمىت نۇردۇنمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ ئۈرۈمچىلىك تىجارەتچى بولۇپ، تۈركىيەگە بارغاندا ياتاق خىراجىتىنى تېجەش ئۈچۈن دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سەيپۇللا ھاجى ئىسىملىك كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان. ئابلىمىت: ‹‹ئۇ كۈندە مەن بىلەن پاراڭلىشىپ، ماڭا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى››، دېدى. ئۇدا بىر نەچچە ئاي توختىماي ‹‹كاللا يۇيۇش››نىڭ نەتىجىسىدە، ئابلىمىت نۇردۇن بالا – چاقىلىرىنى ئېلىپ، نۇرغۇن يول بېسىپ، چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى بازىسىغا كېلىپ، بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان. سەيپۇللا ھاجى دەل مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل غوللۇق ئەزاسى ئىكەن.

  سەيپۇللا ھاجى باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە بەك ھىيلىگەر ئىكەن. ئازاد روزاخۇن ئىلگىرى شىنجاڭدىن قازاقىستانغا بېرىپ شوخلا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، بىر قېتىم سودىدا زىيان تارتىپ، باشقىلارغا 44 مىڭ دوللار قەرز بولۇپ قالغاندا، دوستى ئۇنىڭغا: تۈركىيەلىك سەيپۇللا ھاجى ساڭا ياردەم قىلالايدۇ، دېگەن. سەيپۇللا ھاجى: ‹‹مەن ساڭا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم قىلالمايمەن. لېكىن سەن قەرز ئىگىلىرىدىن ئۆزۈڭنى چەتكە ئالىمەن دېسەڭ، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ بىر مەزگىل پاناھلىنىپ تۇرساڭ بولىدۇ. يول كىرايىڭنى مەن بېرىمەن››، دېگەن. شۇنداق قىلىپ ئازاد روزاخۇنمۇ بالا – چاقىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ: ‹‹مېنىڭ قانداقتۇر قەتئىي <غازاتچى> بولغۇم يوق ئىدى. ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ شۇنداق››، دېدى.

  ئابلىمىت نۇردۇن: قېچىش بەك تەس. ‹‹ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيمىز، يولنىمۇ ئۇقمايمىز، تەشكىلاتتىكىلەر مۇبادا بىزنى جۇڭگونىڭ جاسۇسى ئىكەن، دەپ گۇمانلىنىپ قالسىلا ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ››، دېدى. 2014 – يىلى مەردان موللاخۇن قاتارلىق بىر نەچچەيلەن ئۇزاق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ تەشكىلاتتىن قېچىپ چىققان.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن بۇيۇملىرى قۇراشتۇرۇپ ياسالغان

  تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى تولا ئاڭلاپ، تولا كۆرۈپ ئىدىيەسى ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇ ئۈن – سىن بۇيۇملىرىدا ‹‹غازات›› پەردازلىنىپ، ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى مەزمۇنلار بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلۈپ، ‹‹جەننەت سەپسەتىسى›› تەرغىب قىلىنغان. ئابدۇرۇسۇل ئەكرەم زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت بۇ ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنىڭ تەسىرىدە ئەسەبىي ‹‹غازات››چى ئۇنسۇرغا ئايلانغان، ئۇ ئەمدىلا بىر ئايلىق بولغان بالىسى بىلەن ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيەگە چۈشكەن ئانىسىنى تاشلاپ، ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتۈپ، چەت ئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان. ئۇ ئىلگىرى شېرىكلىرى بىلەن بىللە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۇتقۇن قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىنى سادىر قىلىپ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان پۇقرالارنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇلار ئارىسىدا ئىككى ئايال بار.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاللاغا ئىتائەت قىلمايدىغان، ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دەھرىي ئىكەن. ئۇلار ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. كىم بۇنىڭغا قارشى چىقسا، شۇنىڭغا قارشى <غازات> قىلىدىكەن››.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن بۇيۇملىرىغا قارىغاندا، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تانكا، زەمبىرەكلىرى بار ئىكەن. بۇ ئۈن – سىن بۇيۇملىرى ئارىسىدىكى سىنلىق كۆرۈنۈشلەردە يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قاتتىق مەشىق قىلىۋاتقان، ھەتتا ‹‹غازات›› قىلىۋاتقان نۇرغۇن كۆرۈنۈش بار.

  تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، بۇنداق بۇيۇملارنى ئىشلەش جەريانىنى باشقا ئەزالاردىن مەخپىي تۇتىدىكەن. 2013 – يىلى 2 – ئايدا تېررورلۇق تەشكىلاتى مەردان موللاخۇننى تەشۋىقات مەركىزىگە بېرىشقا بۇيرۇغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹تەشۋىقات مەركىزىگە كىرىپ ئىككى – ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلەرنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، سىنلىق كۆرۈنۈشلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن بۇ تەشكىلاتنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم››.

  مەردان موللاخۇن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا كىرگەندىن تارتىپلا ئەھۋالنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزى ئىشەنگەن نەرسىلەرنىڭ راست بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك ئالامەتلەر ئۇنىڭ ئالدانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.

  مەردان موللاخۇن مۇنداق دېدى: ‹‹سىنلىق كۆرۈنۈشلەردە ناھايىتى كۈچلۈك قوراللىق قوشۇن كۆرسىتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان. بۇ كۆرۈنۈشلەر بازاردىن سېتىۋالغان كىيىملەرنى نەلەردىندۇر چاقىرىپ كېلىنگەن 20 – 30 كىشىگە كىيگۈزۈپ لېنتىغا ئېلىنغان. ئادەتتە بىز بۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە پېتىنالمايمىز. ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، يەرلىك كىشىلەردەك كىيىنىپ يۈرىمىز. فىلىمدە دېيىلگەن <جەڭ نەتىجىلىرى>نىڭ ھەممىسى يالغان. مەسىلەن، <بىز مەلۇم جاينى ئىشغال قىلدۇق>، <مەلۇم جاينى ئازاد قىلدۇق> دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ››.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز تاغلىق رايوندا تۇرغاچقا، چوڭ كۆلەمدە مەشىق قىلالمايمىز، ھەتتا ئۇنداق شارائىتىمىزمۇ يوق، ئۇلار فىلىم ئىشلىگەندە، دەسلەپكى ماتېرىيالنى توردىن توپلاپ، لازىم بولغاندا ئۇلارنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق فىلىم ئىشلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى ئالداپ، سېپىمىزگە قوشۇۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ››.

  تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقىلى سەككىز يىل بولغان كونا ئەزا ئابلىمىت ئابدۇشۈكۈر ئۆزىنىڭ خاتا يولغا ماڭغانلىقىنى ھېس قىلغاچقا، بۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلماقچى بولغان. ئۇ: ‹‹نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم، ئۇلار بىزنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرەتتى. گۈزەل ياشلىقىم شۇ يەردە قالدى. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋال ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، نېمىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئاندىن قايسى يولدا مېڭىشنى قارار قىلىشىنى، بۇنداق تەشۋىقات فىلىملىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن››، دېدى.

  دۈشمەننى كۆرگىلى بولمايدىغان ‹‹غازات››

  ‹‹مەن بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تاغام يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بومباردىمانىدا ئۆلدى››. روھىي ھالىتى مۇرەككەپلىشىۋاتقان مەردان موللاخۇننىڭ ئۇ چاغدا ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنى قىساس ئېلىش ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇنىڭ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

  بۇ تەشكىلاتتا تۇرغان تۆت يىلدەك ۋاقىتتا، مەردان موللاخۇن ئاسماندا ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقان ئايروپىلانلاردىن باشقا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ: ‹‹ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا ھەرگىز تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلەتتىم››، دېدى.

  مەرداننىڭ 47–AK تىپلىق ئاپتوماتى بولۇپ، ئۇنى تاغىسى ئېلىپ بەرگەن. لېكىن مەردان بۇ قورالنى ئەزەلدىن ئادەمگە تەڭلەپ باقمىغان. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قارشى ‹‹غازات››قا ئالتە قېتىم قاتناشقان. ئۇ: ‹‹بىز نەچچە كىلومېتىر ئارىلىقتىن قارشى تەرەپكە مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلىمىز. لېكىن ئوقنىڭ تەگكەن – تەگمىگەنلىكى بىلەن كارىمىز بولماي، دەرھال چېكىنىمىز. چۈنكى قارشى تەرەپ راستىنلا باستۇرۇپ كەلسە، تۈگىشىدىغانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان››، دېدى.

  ئابلىمىت ئابدۇشۈكۈر تېررورلۇق تەشكىلاتىدا تۇرغان سەككىز يىل جەريانىدا، پەقەت مەشىق قىلغاندىلا بىر نەچچە قېتىم قارىغا ئېتىپ باققان، ‹‹جەڭگاھ››تا بىر پايمۇ ئوق ئېتىپ باقمىغان. ئۇ: ‹‹بىر قېتىم بىز تېخى ئوق چىقارماي تۇرۇپلا، قارشى تەرەپ باستۇرۇپ كەلگەچكە، بەدەر تىكىۋەتتۇق›› دېدى.

  ئابلىمىت ئابدۇشۈكۈر يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغاندەك قىلساقمۇ، يەنىلا تەشكىلاتتىكى ئەزالارنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشىدەك رېئاللىقتىن قۇتۇلالمايتتۇق. ئالايلۇق، 2012 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە تالاپەت تېخىمۇ ئېغىر بولدى. بىر كۈنى بىر قېتىملىق پارتلاشتىلا بىراقلا 20 – 30 كىشى ئۆلدى››.

  تەشكىلاتقا قاتناشقان يېڭى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئۈچ ئاي ‹‹ھەربىي مەشىق››قە قاتنىشىدىكەن. ئون نەچچە ئەزا چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، پاقىچىلاپ سەكرەش، موللاق ئېتىش، بىر پۇتلاپ تۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىدىكى بەدەن قىزىتىش ھەرىكەتلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

  مەردان موللاخۇن: ‹‹مەشىقتە ئىشلىتىدىغان كونا قورالنى ئۆز يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالىمىز. مىناميوت، گىراناتوميوت قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللارنىڭ ئوقى ئاز بولغاچقا، ئۇلارنى كۆرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئىشلىتىپ باقمىدۇق››، دېدى.

  ‹‹ھەربىي مەشىق›› جەريانىدا، مەشقاۋۇللار ئەزالارغا كۆپرەك دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ‹‹ئېتىقادى››نى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۆلۈمدىن قورقۇش ھېسسىياتىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بەك كۈچەيدىكەن.

  مەردان موللاخۇن مۇنداق دېدى: ‹‹يېڭى ئەزالار <جەڭ>گە قاتنىشىپ باقمىغاچقا، ھەممىسى جەڭگە قاتنىشىشتىن بەك قورقىدۇ. شۇڭا، مەن ئۇلارغا خالىغانچە سىرتقا چىقماسلىقنى، ئايروپىلانلار بومباردىمان قىلغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشنى ئەسكەرتىپ تۇردۇم. مەن يەنە ئۇلارغا <جەڭ>گە قاتنىشىپ، <غازات>تا شېھىت بولساڭلار، <جەننەت> كە كىرەلەيسىلەر، دېدىم››.

  ھازىر مەردان ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىدىن بەك خىجالەتچىلىك ھېس قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئادەم ياش ۋاقتىدا نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىزىقىدىكەن، توغرا – خاتانى ئايرىيالمايدىكەن. نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇنى بىلىدىكەن. ھايات ئىنسانغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ. شۇڭا، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز، ئائىلىمىز ۋە ئەزىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلماسلىقىمىز كېرەك. مەن بارغان جاي سىنلىق كۆرۈنۈشتىكىگە قەتئىي ئوخشىمايدىكەن. تېررورچىلار بۇ ئىشلارنى دىنىي ئەقىدە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقىچە سىياسىي مەقسەتتە قىلىدىكەن. قېرىنداشلار ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئىشىنىپ، ئەخمىقانە ئىش قىلماڭلار››.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر