باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپىنىڭ بازار پۇرسىتى كۆپ

2015.06.12 21:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇۋەلى مەخپۇللا

  ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپى نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپ ساھەلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدە مۇھىم نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ساھە. ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن، بۇ كەسىپ يېڭىدىن يۈكسىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا مىللىي كارخانىچىلارمۇ مۇشۇ ساھەگە كۆپلەپ يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. دورا دۇكانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى بۇ كەسىپ ساھەسىنىڭ يېڭىچە جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

  نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلىشىش تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىدىكى روشەن يۈزلىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپى زور بازار بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇنداق بازار ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئوبيېكتىپ ئامىل مۇھىم رول ئوينايدۇ:

  بىرىنچى، شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشى كىشىلەر ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى ھاۋا، سۇ ۋە تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ مۇئەييەن ئۆزگىرىشلىرىنى ھاسىل قىلماقتا. شەھەر – بازارلاردىكى بىر قىسىم سانائەت تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتى، بىناكارلىق – قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ كۆپلەپ يولغا قويۇلۇشى، شۇنداقلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپىيىشى شەھەر – بازار مۇھىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.

  ئىككىنچى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەر خىل خىمىيەۋى ئوغۇت ئامىللىرى ياكى دورىلىرى كۆپلەپ ئىشلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىگە مەلۇم نىسبەتتە سىڭىپ كىرمەكتە. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساقلاش مۇددىتىگە ۋە ئىستېمال مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدىن بەزى كارخانىلار قوشۇلما تەركىبلەرنى كۆپەيتمەكتە. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تولۇق بولمىغان ساختا يېمەكلىكلەرمۇ بازار مۇھىتىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مۇشۇ ئامىللار كۈندىلىك يېمەكلىك ئىستېمالىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ بەدىنىگە سىڭىپ كىرمەكتە.

  ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىق شارائىتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن: شەھەر مۇھىتىدىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، خىزمەت سىجىللىقى ۋە بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى، تېلېۋىزور كۆرۈش، كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش ۋە يان تېلېفون ئويناش ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئىجتىمائىي ۋە تۇرمۇش زىددىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى پىسخىكىلىق تەييارلىقنىڭ پۇختا بولماسلىقى كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىگە، ئارام ئېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرى تۈپەيلى بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا نىسبەتەن مۇقىم ھالەتتىكى بازار ئېھتىياجى شەكىللىنىدۇ. بۇنداق بازار ئۆزگىرىشىنىڭ شەكىللىنىشى مىللىي كارخانىلارنىڭ كەسىپ يۆنىلىشىنى بېكىتىشتە، شۇنداقلا بازار مۆلچەرىنى مۇقىملاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئالاقىدار كارخانىلار بازار مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە كەسىپ، سىياسەت يۆنىلىشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشى، كارخانا ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىشى، كەسىپ تەقسىماتى ئېنىق بولغان بازار بوشلۇقىغا دادىللىق بىلەن يۈرۈش قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ھەم ساغلاملىق ۋە ساقلىق ساقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەم كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي تۆھپە قوشۇشى زۆرۈر. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر