- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا ئەمەلدارى ئىراق ئارمىيەسىگە مەشىق بازىسى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2015.06.15 10:06 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېنپۇسى 11-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىراق ئارمىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەشىق بازىسى ۋە مەسلىھەت بېرىش مەركىزى قۇرۇپ بېرىشنى ئويلاشماقتا. 10-ئىيۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ ئەنبار ئۆلكىسىدە بىر يېڭى مەشىق بازىسى قۇرۇشىنى ھەمدە 450 ئامېرىكا ئەسكىرى ئەۋەتىپ، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشىنى تەستىقلىدى. دېنپۇسى مۇنداق دېدى: ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا يېڭى بازا قۇرغاندىن باشقا، ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە باشقا نۇقتىلارنى ئېھتىيات پىلانىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەشىق ۋە مەسلىھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا قاراپ چىقماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر