باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە 11مىڭدىن ئارتۇق كۆمۈر كاننىڭ 10500دىن كۆپرەكىدە ئۆلۈم يېتىم بولمىدى

2015.06.15 09:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 12-ئىيۇن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە 11مىڭدىن ئارتۇق كۆمۈر كاننىڭ 10500دىن كۆپرەكىدە ئۆلۈم يېتىم بولمىغان، بۇ ئومۇمىي نىسبەتنىڭ %95.6نى ئىگىلەيدۇ.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ مۇتلەق كۆپ سانلىق كۆمۈر كانلاردا ئۆلۈم يېتىم بولمىغانلىقى، پەقەت ئاز بىر قىسىم كۆمۈر كانلاردا يەنە ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەملىكەت بويىچە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 90 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان قانۇنلۇق كۆمۈر كانلىرى ئىچىدە ئۇدا بىخەتەر ئىشلەپچىقارغان كۈنى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى 9903 كۈن ئىكەن. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت ئۆلۈم يېتىم بولماسلىق نىشانىغا يېتىشنىڭ پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر