باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىللىق ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-چېسلا ئىلىپ بېرىلىدۇ، تېزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچى سانى 40 مىڭ 939 نەپەر

2015.06.15 13:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىللىق ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھانى 20-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئېلىنىدىكەن. بۇ يىل رايونىمىزدىكى 40 مىڭ 939 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا تېزىملانغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 4199 نەپەر ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن.

  بۇ يىللىق ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى پەن تۈرلىرى ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە (بىرلەشمە ئىمتىھان)، ئىدىيە ـ ئەخلاق، تارىخ (بىرلەشمە)، ئېنگلىزتىلى (مىللىي يېزىقتىكى شۇنداقلا قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلىدىن بېرىدۇ). ئىدىيە ـ ئەخلاق، تارىخ بىرلەشمە ئىمتىھانىا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر بىلىملەر (يەرلىك تارىخنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۆلۈنگەن نومۇر 30دىن كەم بولمايدۇ. ھەر بىر پەننىىپ تولۇق نومۇرى 150 بولۇپ، ئومۇمىي نومۇر 750.

  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بەرگەندە ئىمتىھان قەغىزىگە ھېچقانداق بەلگە قويۇپ قويماسلىقى، تاللاش سوئاللىرىغا چوقۇم ئىككى ب تىپلىق قەلەم بىلەن بۇيىشى كېرەك، باشقا سوئاللارغا 0.5 مىللىمېتىرلىق قارا رەڭلىك ئىمزا قويۇش قەلىمىدە جاۋاپ يېزىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر