- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىللىق 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات سۆھبىتى يېپىلدى
2015.06.15 10:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2015-يىللىق 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات سۆھبىتى 11-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ بوئىندا يېپىلدى. سۆھبەتكە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن نەق مەيداندىكى كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەت كىلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمى چۆرىدەلگەن سۆھبەتتە ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى، يىل ئاخىرىدا پارىژ كىلىمات يىغىنىدا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى. بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت 1-ئىيۇن باشلاندى، 200گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر ئاساسلىقى بۇ يىل 2-ئايدا شىۋېتسارىيەدە ھاسىل قىلىنغان 90 بەتلىك يېڭى كېلىشىم سۆھبەت لايىھەسىنى كېڭەشتى، سۆھبەت ئاياغلاشقانغا قەدەر لايىھە يەنە 85 بەت ئېشىپ قالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر