- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز مالىيەسى 200 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللىدى
2015.06.15 13:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل مەركەز 200 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتىشنى قوللىدى. بىڭتۇەن نۆۋەتتە 1 مىليۇن 600 مىڭ يۈەن قوللاش مەبلىغىنى چۈشۈرمەكچى.
بىڭتۇەننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %20تىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. پاختا ئىشلەپچىقىرىشى پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيانىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك پاختا، ئىككىنچى دەرىجىلىك پاختىلار %80تىن يۇقىرى، ئەلا سۈپەتلىك پاختا دەرىجىسى ۋە تاۋارلىشىشى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. 2014-يىلى، بىڭتۇەندە پاختا تېىشى كۆلمى 10 مىليۇن 50 مىڭ مودىن ئىشىپ، پاختىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليۇن 630 مىڭ توننىغا يېتىپ، رەڭلىك پاختا %70تىن ئاشتى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر