باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى قىرغاقتىكى ئوخشاش ئىسىملىك كەنتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى

2015.06.15 09:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شيامىن شەھىرى خەيساڭ رايونى چىڭجياۋ كەنتىدە ئىككى قىرغاقتىكى نامداش كەنتلەر، قەلبداشلار ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە 7-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزى مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قىسىمەن يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  يۇ جېڭشېڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاقتىكى نامداش كەنتلەردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار، جۇڭگولۇقلار مەيلى قايسى جايدا تۇرسۇن ئۇلارنىڭ قانداشلىق ئېڭى، يۇرتقا بولغان مۇھەببىتى ئۆزگەرمەيدۇ، مەيلى بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى تەيۋەن ئارىلىغا كېلىپ بۇ جاينى گۈللەندۈرگەن ئەجداتلار بولسۇن ياكى بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل ئىلگىرى تەيۋەنگە كەلگەن چوڭ قۇرۇقلۇق كىشىلىرى بولسۇن ھەممىسى يۇرتىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، نامداش كەنتلەر يىلتىزى بىر كەنتلەر، دىلى بىر كەنتلەر، ئۇنىڭدا قېرىنداشلارنىڭ يۇرتىنى سۆيۈش ھېسسىياتى سىڭگەن، شۇنداقلا ئۇ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئىلگىرى ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئەگىر توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ باقمىدى، ھازىر ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قولايلاشتى، يۇرتداشلار تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقە قىلىشى، يەنە كېيىنكى ئەۋلاد ياشلارنىمۇ قاتناشتۇرۇشى، قېرىنداشلارنىڭ مېھرىنى بىربىرىگە تېخىمۇ يېقىن باغلىشى كېرەك، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر