ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) 11 - نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان.كۈسەن» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 12- ئىيۇن كۇچا ناھىيەسىنىڭ كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك ئاقسۇ «ئاقسۇ.دولان» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرى مەھكىمە ئورۇنلاشتۇرغان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە - رادئىو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ماسلاشتۇرغان چوڭ تىپتىكى بىر قېتىملىق پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە بىر شەھەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇللىرى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تاراتقۇلىرى ھەم ئامما ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1000 نەپەردىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
11 - نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان.كۈسەن» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى كۇچا نان شەھەرچىسى، يېمەك – ئىچمەك كوچىسى ۋە ۋاڭ ئوردىسى قاتارلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
ئىگىلىنىشچە، 11- نۆۋەتلىك ئاقسۇ «دولان.كۈسەن» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە بىر شەھەرنى سىرتقا تونۇشتۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئاقسۇ «دولان.كۈسەن» مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.