- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيەنىڭ ‹‹ئىتتىپاق›› ناملىق ئۇچار كېمىسى قۇرۇقلۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى
2015.06.12 20:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 11-ئىيۇن، رۇسىيەنىڭ ‹‹ئىتتىپاق›› ناملىق ئۇچار كېمىسى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئۈچ نەپەر خادىمىنى ئېلىپ قازاقىستاننىڭ جېزكازغان دېگەن يېرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى.
ئۈچ نەپەر ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ خادىمى ئولتۇرغان ‹‹ئىتتىپاق TMA-15M›› ناملىق ئۇچار كېمىسى موسكۋا ۋاقتى سائەت 13:18 (بېيجىڭ ۋاقتى 18:18) دە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىدىن ئايرىلىپ، ئايرىلىش مەشغۇلاتى ۋە كېيىنكى ئۇچۇش ئوربىتاسى ئالدىن بەلگىلەنگەن پىلانغا تولۇق ماسلاشتۇرغان. نەچچە سائەتلىك ئاپتوماتىك ئۇچۇشتىن كېيىن، ئۇچار كېمىنىڭ قايتىش بۆلمىسى موسكۋا ۋاقتى 16:43 (بېيجىڭ ۋاقتى 21:43) تە قازاقىستاننىڭ جېزكازغان رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر