باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ‹‹2014–يىللىق جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2015.06.12 21:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8 – ئىيۇن ‹‹2014 – يىللىق جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. كىتابتا جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىنغان. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا تېخىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئېرىش، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب خەنزۇچە خەت بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 21 مىڭ خەتلىك بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىت بىلەن تۆۋەندىكى توققۇز جەھەتتىن تۇنۇشتۇرۇلغان: تەرەققىيات ھوقۇقى، جىسمانىي ھوقۇق، دېموكراتىيە ھوقۇقى، ئادىل سوتلاش ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئاياللار – بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھوقۇقى، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئسىتراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى جەريانىدا تېخىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەم تاشلىغانلىقىنى تولۇق دەلىللەيدۇ. جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئىنسانىي ھوقۇقنى ئومۇملاشتۇرۇش پىرىنسپى بىلەن جۇڭگونىڭ رېئال دۆلەت ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتىنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۇرۇش ئىزىغا سالىدۇ؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە پايدىلىق نەتىجىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆرنەك قىلىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش جەريانىدا، تەستە قولغا كەلتۈرگەن ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ۋە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەر بىر كىشىنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتكە ھەسسە قوشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ، كىشىلىك ھاياتتىكى ياخشى پۇرسەتلەردىن، ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىدىغان پۇرسەتلەردىن، باراۋەر قاتنىشىش ۋە باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر