باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

2015.06.12 21:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئىچكىرىدىكى بەزى بانكىلاردا يۈز بەرگەن ئامانەت پۇل يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى جەمئىيەتتە ئەندىشە پەيدا قىلدى. كىشىلەر ‹‹بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل بىخەتەرلىكىدىن قانداق چاتاق چىقتى؟ ئامانەت پۇلنىڭ يوقاپ كېتىشىگە كىم مەسئۇل بولىدۇ؟›› دەپ سوراشماقتا.

  ئامانەت پۇل يوقاپ كېتىش ۋەقەسى 2014 – يىلىدىن بۇيان خېنەن، ئەنخۇي، خۇنەنلەردە نەچچە قېتىم يۈز بەردى، بۇ دېلولاردا ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، بانكىچىلىق ساھەسىنىڭ ئابرۇيىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى.

  ئەيىب كىمدە؟

  ئامانەت پۇللار كەينى – كەينىدىن يوقاپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ چاتاق زادى قەيەردىن چىقتى؟

  مۇتەخەسسىسلەر ئامانەت پۇل يوقاپ كېتىش دېلولىرىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ‹‹بانكىنىڭ ئۆزىدىن بەتنىيەتلەر چىقمىسا، ئامانەت قويغۇچىلار باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمىگەن بولسا، بۇنداق دېلولار يۈز بەرمەيتتى›› دېگەن يەكۈننى چىقاردى. دېمەك، بۇنىڭدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

  بانكىلارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئامانەت پۇلنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى بانكىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇشتا يوچۇق بارلىقىنى، بانكىلارنىڭ تىجارەت مۇھىتى ۋە خادىملىرىنى باشقۇرۇشىدا مەسىلە بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ‹‹يۇقىرى نىسبەتتە ئۆسۈم پايدىسى›› بېرىشنى دەستەك قىلىپ، ئامانەت قويغۇچىلارنى دامىغا چۈشۈرۈۋالالىشىنى ئادەتتە بانكىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق چارىنى قوللىنىپ، ئامانەت قويغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئامانەت – قەرز نىسبىتى(تارقاتقان قەرز پۇلنىڭ توپلىغان ئامانەت پۇلدا ئىگىلىگەن نىسبىتى) بانكىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى بىر ئۆلچەم بولۇپ تۇرغان شارائىتتا، بانكىلار ئامانەت قويغۇچىلارنى كۆپرەك جەلپ قىلىش ئۈچۈن، قوشۇمچە ئۆسۈم بېرىش، پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن كىشىلەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ‹‹يۇقىرى نىسبەتتە ئۆسۈم پايدىسى بېرىمىز›› دەپ قۇرغان قىلتىقىنىمۇ بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل جەلپ قىلىش ئۈچۈن چىقارغان قوشۇمچە ئۆسۈم بېرىش چارىسى ئوخشايدۇ، دەپ چۈشىنىپ، ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ.

  ئامانەت پۇلنى ئالداپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ‹‹يۇقىرى نىسبەتتىكى ئۆسۈم پايدىسى›› دېگەن ۋەدىنى ئاڭلىسىلا ھوشىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاشكارىلانغان دېلولارغا قارىساق، ئالدانغان ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ‹‹يۇقىرى نىسبەتتىكى ئۆسۈم پايدىسى›› قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. كۆپىنچە كىشى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئۆسۈمنىڭ قوغدالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. بەزىلىرىنىڭ ھوشيارلىقى بەكلا ئاجىز بولۇپ، ھەتتا ئامانەت كارتىسى بىلەن كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرىنىمۇ مۇلازىمەت بېجىرگۈچىلەرگە تۇتقۇزۇپ قويغان. بەزىلىرى ھۆججەت – تالونلارنى تەپسىلىي ئوقۇمايلا قول قويۇۋەتكەن. مۇشۇنداق بىنورمال ئامانەت توپلىغۇچىلارغا ئۇچرىغاندا، كۆپرەك سوئال سوراپ، ئۈجۈر – بۈجۈرىنى ئوبدان ئۇقۇۋېلىش لازىم.

  قانداق قىلغاندا بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟

  جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جاۋشىڭ مۇنداق دېدى: بانكىلار ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئامانەت پۇلى يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىنى ئوبدان تەكشۈرۈشى لازىم، ئامانەت پۇلنىڭ ئالدىنىپ كېتىشىگە مەيلى بانكىنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى سەۋەب بولسۇن ياكى ئۇچۇر سىستېمىسىدا يوچۇق بارلىقى سەۋەب بولسۇن ۋە ياكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ بانكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلىقى سەۋەب بولسۇن، چوقۇم قانۇن – تۈزۈم بويىچە بىرتەرەپ قىلىش لازىم.

  ۋاڭ جاۋشىڭ يەنە بانكىلارنىڭ ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: ھەرقانداق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بانكىلار كۈندىلىك تىجارەتتە ئۆزىنى باشقۇرۇشنى چوقۇم كۈچەيتىپ تۇرۇشى، ئامانەت قويغۇچىلارنى نىشانلىغان جىنايى قىلمىشلاردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلەندۈرۈشى، ئامانەت پۇللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى لازىم، دېدى.

  مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى گو خۇا مۇنداق دېدى: ئامانەت قويغۇچى بانكىنىڭ پوكىيىدە ئامانەت قويغان پۇلنى مەيلى ۋاقىتلىق خادىم يۆتكەپ كەتسۇن ياكى رەسمىي خادىم يۆتكەپ كەتسۇن، بانكا بۇنىڭ جاۋابكارلىقىدىن باش تارتالمايدۇ. ئامانەت قويغۇچىنىڭ پۇلى پوكەيدە ئالداپ كېتىلمىگەن تەقدىردىمۇ، بانكىنىڭ تىجارەت سورۇنىدا ئالداپ كېتىلگەنلا بولىدىكەن، بانكىنى ئالدامچىلىققا ياردەم بەرگەن، دەپ قارايمىز.

  بانكا خادىملىرى ياكى ئىلگىرى بانكىدا ئىشلىگەن كىشىلەر سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلسا ياكى خۇسۇسىي فوندلارغا مەبلەغ توپلىسا، ‹‹يۇقىرى نىسبەتتىكى ئۆسۈم پايدىسى›› ئارقىلىق قايمۇقتۇرۇپ، تالوننى ئالماشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ئامانەت پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالسا، بانكىلار چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ھالەتتە جاۋابكارلىق چوڭ – كىچىك، دەپ ئايرىلىدىكەن، بانكىلار ئاگاھلاندۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقى يەڭگىلرەك بولىدىكەن.

  بانكىلار يوچۇقلارنى ئېتىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامانەت قويغۇچىلارمۇ پۇللىرىنى قانداق ئامانەت قويسا بىخەتەر بولىدىغانلىقى، قانداق قويسا خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىۋېلىشى كېرەك. نورمال يول بىلەن ئامانەت قويۇلغان پۇللارغا بانكىلار يۈزدەيۈز مەسئۇل بولىدۇ. خەلق بانكىسىدىكى بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: بانكىلار مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ھەممىسى بىخەتەر بولىدۇ. بانكىلارنىڭ مەشغۇلات، پائالىيەتلىرى قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ، خەتەر كۆرۈلگەن ھامان ئالاقىدار تەرەپلەر ۋاقتىدا ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ۋەيران قىلىپ مال – مۈلكىنى ئېنىقلاش، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنى ئىشلىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالمايدۇ. بانكا ۋەيران بولغان تەقدىردىمۇ، ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئارقىلىق مۇناسىپ كاپالەت بېرىلىدۇ.

  قانۇنسىز مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە پۇلىنى بېرىپ قويغانلارنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، پۇل مۇئامىلە قانۇنشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بانكىنىڭ تىجارەت سورۇنىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسا، بانكا مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، چۈنكى بانكىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىجارەت سورۇنىنى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولىدىكەن.

  ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئاچ كۆزلۈك قىلىشى ئالدامچىلارنىڭ نەيرەڭلىرىنى روياپقا چىقىرىۋاتقان مۇھىم ئامىل. بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆسۈمى قانۇندا بېكىتىلگەن نىسبەتتىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتىلگەن قەرەللىك ئامانەتكە يەڭگىللىك بىلەن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، پايدىسى يۇقىرى بېكىتىلگەن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىخەتەرلىك، قوغدىنىش ئېڭى ئاجىز، شۇڭا پۇل مۇئامىلىسى بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر