باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020–يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپتە كۇتۇپخانا قۇرۇلىدۇ

2015.06.12 21:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 1 – ئىيۇن ئېلان قىلىنغان ھۆججىتىگە قارىغاندا، 2018 – يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئوتتۇرا رايون يېزىلىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش بىنالىرىنى ئۆزگەرتىش – قۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ – چوڭ تۈرلەر يولغا قويۇلىدىكەن، شارائىتى بار جايلار قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن يېڭىدىن تولۇقلاپ كۇتۇپخانا سالىدىكەن، ئۆلچەمگە يەتمىگەن كۇتۇپخانىلارنى ئۆزگەرتىدىكەن. شارائىتى يوق يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلىرى، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا كىتاب ئىشكابى سەپلىنىپ، كىتاب ئوقۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدىكەن. 2020 – يىلىغا بارغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دۆلەت ئۆلچىمىگە توشىدىغان كۇتۇپخانا بار بولىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىرلىكتە تۈزگەن يېڭى دەۋىردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ كۇتۇپخا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئەمەلىي پايدىلىنىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاساسىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۇتۇپخانا كاپالىتى سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. لېكىن تونۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، فۇنكسىيىلىك ئورنىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن، شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ئارىسىدا قۇرۇلۇش سەۋىيىسى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، ئوقۇ – ئوقۇتۇشنىڭ بىرىكىشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاساسى، كەسىپلەشكەن قوشۇن قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزمەكتە.

  پىكىرگە ئاساسەن، جايلار تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىك ئورنىنى، كۆلىمىنى بېكىتىش، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىدىغان كىتابلارغا كاپالەتلىك قىلىش، بايلىقتىن پايدىلىنىش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىنىڭ ھەر ھەپتىدە ئېچىلىش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتە 40 سائەتتىن ئاز بولماسلىقى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، شەنبە، يەكشەنبە، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى، ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى مۇۋاپىق ئۇزارتىلىشى ھەم جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈشى؛ جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى يىللىق ئوقۇتۇش خىراجىتى خامچوتىدىن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ كۇتۇبخانىلىرىنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم يېزا مەكتەپلىرى ۋە ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىللاشتۇرۇشى كېرەك. كۇتۇپخانا قۇرۇشنىڭ يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كۇتۇپخانا قۇرۇشنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىئانە قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىئانە قىلىنغان كىتابلارنىڭ ۋە قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنداق تەكىتلەندى: مائارىپ تەپتىشلىكى تارماقلىرى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي پايدىلىنىش خىزمىتىنى مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۇنىۋېرسال تەپتىش قىلىپ باھالاش ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، باھالاش ئۆلچىمى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئەمەلىي باشقۇرۇشنى باھالاش خىزمىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشى، شۇنداقلا باھالاش نەتىجىسىنى مەكتەپ باشقۇرۇشنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر