ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قاراپ ماڭغان، 450 نەپەر ئافرىقىلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بېلىقچىلار كېمىسى لىۋىيەنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن. شۇ يەردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ چۆكۈپ كەتكەن چاغدىكى مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، كېمىدىكى پەقەت ئاز ساندىكى كۆچمەنلەرلا بەختكە يارىشا ئامان قالغان، قالغان نەچچە يۈز كىشىنىڭ ھەممىسى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان.
دېڭىزدا ئۇزۇن يول يۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان بۇ بېلىقچىلار كېمىسىگە نورمىدىن تاشقىرى ئادەم ئولتۇرغان بولۇپ، ئاز ساندىكى ئامان قالغۇچىلار قۇتقۇزۇش سالىغا يامىشىپ چىقىۋالغان بولسىمۇ، ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن بىر قىسىملار سالدىنمۇ چۈشۈپ كەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ۋەقەدە پەقەت % 10 كىمۇ يەتمەيدىغان كۆچمەنلەر ئامان قالغان بولۇشى مۇمكىنكەن.
2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئادەم بىدىلىرىنىڭ كېمىلەرگە ھەدىدىن ئارتۇق ئادەم سالغانلىقى تۈپەيلىدىن 1770 كىشى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. 4-ئايدا بىر بېلىقچىلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ، 800 نەپەر كۆچمەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغان، پەقەت 28 كىشىلار ئامان قالغان.