باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرايلى

2015.06.12 20:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گېزىتىمىزدە ‹‹ھىجرەت، غازات›› نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش توغرىسىدا چاتما خەۋەر بېرىلدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ‹‹يالغانچىلىق بىلەن نىقابلانغان <ھىجرەت – غازات يولى>›› تېمىسىدىكى مەخسۇس فىلىمنى تەكرار كۆرسەتتى ۋە ئاڭلاتتى، بۇ فىلىم تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  ‹‹يەنىلا ۋەتەن ياخشى ئىكەن، يۇرتىمىز ھەقىقىي <جەننەت>ئىكەن، باشقىلارنىڭ يالغان – ياۋىداق گېپىگە ئىشىنىپ، ئىستىقبالىمىزنى نابۇت قىلمايلى، ياشلار ئوبدان ئوقۇپ بىلىم ئىگىلىگەندىلا، كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ››... چاتما خەۋەر ۋە مەخسۇس فىلىملەردە ئالىم ئەمەت، تۇرسۇن قاتارلىقلارنى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئازدۇرۇشى، قىزىقتۇرۇشى ۋە تەھدىت سېلىشى بىلەن ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتۈپ چەت ئەلگە قېچىپ بېرىپ، ‹‹غازات›› قا قاتناشقانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشى بايان قىلىندى. دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ قارا نىيىتى، يالغانچىلىقى، پەسكەشلىكى، نومۇسسىزلىقى، ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان رەزىل ئەپت – بەشىرىسى ئەتراپلىق تەسۋىرلەندى. بۇنىڭدىن، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭدا تەرغىب قىلىنىۋاتقان ‹‹ھىجرەت، غازات››نىڭ جەمئىيەت، ئىنسانىيەت ۋە مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇق.

  چاتما خەۋەر ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەردىكى مىساللارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئاتالمىش ‹‹ھىجرەت، غازات›› نىڭ ئەمەلىيەتتە دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ‹‹ھىجرەت›› كە‹‹غازات›› نى قوشۇپ بۇرمىلاپ ۋە ئەسەبىيلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن قانۇندىن، دىندىن تولۇق ساۋادى يوق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان نادان ئامما ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان ياشلارنى ‹‹غازات يولىدا قۇربان بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ››، دېگەن سەپسەتىگە ئىشەندۈرۈپ، ئۇلاردا ‹‹جەننەت›› تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ‹‹ھىجرەت، غازات›› تىن ئىبارەت چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش يولىغا ماڭغانلىقىنى بىلدۇق. چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەر تېرىلغۇ يېرى، ئۆي – بىساتىنى سېتىپ، بىر نەچچە دۆلەتكە بارغان، ئۇلار غازاتتا قۇربان بولۇپ جەننەتكە كىرىش ئىستىكىدە، ئاتالمىش ‹‹جەننەت›› يولىغا قەدەم باسقاندىلا، ئۆزىنىڭ ئازغانلىقى، بەختلىك ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلگەن. ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشى مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بولدى.

  تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن ئىبارەت ‹‹ئەرۋاھ›› ئەگىپ يۈرۈيدۇ، ئۇنىڭ ئالدامچىلىق ماھىيىتى ۋە خەتىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى زوراۋان – تېررورچىلار، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە دىن ئەسەبىيلىرى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دىنىي ئەقىدىنى بۇرمىلاپ، ‹‹دىنىي زىيانكەشلىك›› ئىدىيەسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، قاقتى – سوقتى قىلىش ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ‹‹ھىجرەت›› كە كۈشكۈرتۈپ، ‹‹غازات›› نى تەرغىب قىلدى ھەم چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تايىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق بويىچە مەشىقلىنىپ، چېگرا ئىچىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق پىلانلاپ سادىر قىلدى. پولاتتەك ئەمەلىيەت ۋە قانلىق ساۋاقتىن ‹‹ھىجرەت، غازات››نىڭ ئەمەلىيەتتە دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ خەلققە دېگىلى بولمايدىغان مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن توقۇپ چىققان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

  ‹‹ھىجرەت، غازات›› نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دىن ئەسەبىيلىكى بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكىنى ئېنىق تونۇپ، دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ يالغانچىلىق ۋاسىتىلىرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ ۋە ئېچىپ تاشلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەر مىللەت ئاممىنى دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە يالغانچىلىقىدىن ھوشيار بولۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى، سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ قورساق بولۇش، تىنچلىقنى سۆيۈش ۋە مېھرىبانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا ئېتىقادنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما كۆزىنى يەنىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ھىجرەت، غازات›› نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت بىلەن دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دىن ئەسەبىيلىكىدىن ئاڭلىق ھالدا يىراق تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلىشى كېرەك.

  يالغان سۆز قانچە پاساھەتلىك بولسىمۇ، يالغانچىلىقى ئېچىپ تاشلانسىلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بىز باشتىن – ئاخىر ھوشيارلىقنى ساقلاپ ۋە ئاقىلانە بولۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىغا پۇرسەت بەرمەي، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك، مەدەنىيلىك بىلەن نادانلىق، قانۇن بىلەن جىنايەت ئارىسىدىكى كۈرەشتە ئۈزلۈكسىز غەلىبە قازىنايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر