باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىمپورت–ئېكسپورت كارخانىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ھەق مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلدى

2015.06.12 21:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 6 – ئايدىن باشلاپ ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ھەق مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئېكسپورت – ئىمپورت ھالقىلىرىدىكى ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلغان كارخانىلاردىن تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىدە، مۇندەرىجە ياكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەق ئېلىنمىغان بولسا، كارخانىلار ھەق تۆلەشنى رەت قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تەدبىر ئىمپورت – ئېكسپورت ھالقىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلاردىن تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش مۇندەرىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

  مۇندەرىجىدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ھەق ئېلىش تۈرلىرى قاتناش تارماقلىرى يىغىدىغان قاتناش تىرانسپورت تالونى، كىنىشكا باھاسى؛ پورت – چېگرا تەكشۈرۈش تارماقلىرى يىغىدىغان ۋاقىتلىق چېگرادىن كىرگەن ئاپتوموبىللارنى توختىتىش، نازارەت قىلىش، ئاسراش ھەققى؛ تاموژنىلار يىغىدىغان باشقۇرۇش – مۇلازىمەت ھەققى، چېگرا پىرىيوم – كارانتىن ئىدارىسى يىغىدىغان چېگرادىن كىرىش – چىقىش ھەققى، ئىسلاپ ياكى ھورداپ دېزىنفېكسىيە قىلىش ھەققى ۋە چېگرادىن كىرىپ – چىقىش كەسپى ۋاكالەتچىلىك ھەققى، ئالاتاۋ پورتى مۇلازىمەت ھەققى ھەم تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئېلىنىدىغان غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزىنىڭ كونتېينېرغا قاچىلاپ توشۇيدىغان ماللارنى تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىسكىلاتتا ساقلاش ھەققى قاتارلىق سەككىز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر