- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدا دۆلەت دەرىجىلىك قەدىمكى كىتابلارنى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلىدۇ
2015.06.15 13:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن، «مەن ۋە جۇڭخۇا قەدىمكى كىتابلىرى» فوتوگرافلار مۇسابىقىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئايلىنىپ كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسدا ئۆتكۈزۈلدى. نۆۋەتتە 600 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى كىتاب بار بولغان ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا ئۈچ يىلدىن كىيىن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قەدىمكى كىتابلار ئامبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ قەدىمكى كىتابلار بۆلۈمى مۇدىرى سوڭ دوڭمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، بۇ كۇتۇپخانىدا جەمئىي 600 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى كىتاب بار بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، بولىمېي يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، پارس يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق 32 خىل يېزىق بار.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر