باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ توشۇش ھەققى %15 تۆۋەنلىتىلدى

2015.06.15 19:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىدا كارخانىلارغا 1 مىليارد 740 مىليون يۈەن ئېتىبار بېرىلىدىكەن

  خاسىيەت جۈمەنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى 12 – ئىيۇندىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان پولىۋىنىل خىلورىد (PVC)، ئاليۇمىن نۆكچىسى، پاختا قاتارلىق قىسمەن نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنى توشۇش ھەققىنى %15 ئازايتىپ، سانائەت تۇزى، كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پولات – تۆمۈر، مېتالدىن باشقا رۇدا قاتارلىقلارنىڭ رايون ئىچىدىكى توشۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ ۋىسكوزا تالا، پاختا يىپ، تەم خۇرۇچلىرى، يېمەكلىك، تاش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنىڭ توشۇش ھەققىنى خېرىدارلار بىلەن كېلىشىپ بېكىتىدىكەن.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېن جۇڭيى: بۇ قېتىم توشۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى توشۇش ھەققى جەھەتتە كارخانىلارغا ئېتىبار قىلىدىغان ئومۇمىي سومما 1 مىليارد 740 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، دېدى.

  2012 – يىلىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ تۆمۈريول توشۇش ھەققى ئۇدا تۆت يىل ئۆرلەپ، ھازىر ھەر بىر توننا يۈكنى توشۇش ھەققى 0.1551 يۈەن/كىلومېتىرغا يېتىپ، 2011 – يىلىدىكىدىن %47.6 ئۆرلەپ كەتتى. مەملىكەت دائىرىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاساسلىق بازارلاردىن يىراق، تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن رايون بولۇپ، تۆمۈريول توشۇش ھەققىنىڭ ئۆسۈشى شىنجاڭ كارخانىلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش بېسىمى كۈچىيىپ، سانائەت كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۆپ پايدا ئالالمايدىغان، ھەتتا زىيان تارتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭدىن يۈك توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىشنى چەكلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جيەنشىن مۇنداق دېدى: توشۇش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرىغا سالىدىغان زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇ سىياسەتنى يولغا قويغاندا، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كارخانىلار بىلەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ ‹‹يۈك مىقدارىغا توشۇش ھەققىنى باغلاش›› كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولدى. توشۇش باھاسى سىجىل تۆۋەن بولىدىغان ھالەتنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى توشۇش مىقدارىغا باغلىق بولغاچقا، كارخانىلارنىڭ بۇنىڭغا پائال ماسلىشىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئىمكانقەدەر تۆمۈريول ئارقىلىق يۆتكىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۆمۈريول توشۇش مىقدارى ئاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىدىن تېخىمۇ ئېتىبار بېرىدىغان توشۇش ھەققى سىياسىتى قوللىنىشنى تەلەپ قىلالايدۇ. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر