باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا مالىيەدىن يېزا ئىگىلىكىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈش ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولدى

2015.06.15 19:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرايلى

  جاۋ جىيۈن، چېن يۈلىن، جۇلى

  يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 10 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق 117 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك تۈر سېلىنمىسى قوزغىتىلسا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 200 مىليون يۈەن ئەتراپىدا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك 15 تۈرگە سېلىنىدىغان مەبلەغ بىر تۈرگە يىغىنچاقلىنىپ، 300 مىليون يۈەن مەبلەغ بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەبلەغ تەقسىملەش ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ؛ يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، مالىيە سىياسىتى بىلەن مەبلەغ كۆلەملىك ئىگىلىككە مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ 10 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مالىيە نازارىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلنى مايىل قىلىشتىن ئىبارەت زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش پىلانلاش تەسەۋۋۇرىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹ئاز پۇل خەجلەپ، چوڭ – چوڭ ئەمەلىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان››.

  جانلىق مېخانىزم بەرپا قىلىنىپ، بىرلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلدى

  جەنۇبىي شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك كىرىمى دېھقانلار كىرىمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون 2014 – يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۆرۈك قۇرۇتىدىغان ‹‹تېز ئۈنۈملۈك›› تۈرنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيىنىڭ ياسىلىش باھاسى 85 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنداق ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 1500 نى سېلىشقا 127 مىليون 500 مىڭ يۈەن كېتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ تۈرنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە تارماقلىرى بۇ تۈر تېخى يىللىق خامچوتقا كىرگۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا، ئۆرۈك پىششىقى مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيى تۈرىنى سۇپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈشنى پىلانلىدى. دۆلەتنىڭ نامراتلارنى مەخسۇس يۆلەش مەبلىغى ۋە مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز جايىدا دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەش مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش مەبلىغى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىپ، تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى؛ دېھقانلار بۇ قۇرۇلۇشقا ئۆز مەبلىغى ئارقىلىق قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ تۈر قۇرۇلۇشىغا بولغان سۇبيېكتىپ تونۇشى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. دېھقانلار ئۆزى توپلىغان مەبلەغ يېتىشمىگەندە، ئاپتونوم رايون بۇنى خامچوت مەبلىغى ئارقىلىق تولۇقلاپ، بۇ تۈرنىڭ ۋاقتىدا يولغا قويۇلۇشى ھەم مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دېھقانچىلىق كەسىپلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش تېزلىتىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مالىيە مەبلىغىنى ئاپتونوم رايون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ‹‹سەپلەپ بېرىش››تىن، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ‹‹ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش›› قا ئۆزگەرتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىدىغان تۈرلەرنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇپ، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمى كۈچلۈك، ئىنكاسى ياخشى بولغان قوش نەپ ئېلىش ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

  مەبلەغ مەركەزلىك ئىشلىتىلىپ، ‹‹چېچىلاڭغۇلۇق›› مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 2013 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى 15 تۈرگە مالىيەدىن جەمئىي 300 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلدى. ھەر بىر مەخسۇس تۈرگە بېرىلگەن مەبلەغ 5 مىليون يۈەندىن 50 مىليون يۈەنگىچە، ھەر بىر كونكرېت تۈرگە بېرىلگەن تولۇقلىما 150 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، چەكلىك مالىيە بايلىقى پارچىلىنىپ كەتكەچكە، تۆۋەن ئۆلچەمدە مەبلەغ سالىدىغان، تۆۋەن سەۋىيەدە قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى. 2014 – يىلى تۈرلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە تەرتىپكە سېلىش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش تۈرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر تۈرگە 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، %80كە يېقىن مەبلەغنى تەقسىملەش ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى. جايلار ئۆز رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئون نۇقتىلىق ناھىيە، يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئىلگىرى سۈرگەن 36 نۇقتىلىق ناھىيەنى تاللاپ، ھەر بىر ناھىيەگە 4 مىليون يۈەندىن 8 مىليون يۈەنگىچە تولۇقلىما بەردى.

  ئاپتونوم رايون ئۆز ئالدىغا تېما تاللاپ، ‹‹ناچار بولۇش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئىلگىرى ئاساسىي قاتلام تارماقلىرى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تۈرلەر بىلەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ناچار بولۇۋاتقانلىقىنى دائىم ئىنكاس قىلاتتى. 2014 – يىلى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم نۇقتىسى بويىچە، مەبلەغ ۋە تۈرلەر ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەرتىپلىك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەبلەغ ئاجرىتىش، تۈر ئىلتىماس قىلىش، باشقۇرۇش، نەتىجە، ئۈنۈم نىشاننى بېكىتىش ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، يولغا قويغۇچى، تەشكىللىگۈچى، باشقۇرغۇچىلار ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەسئۇلىيەت ھوقۇقى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلىپ، ئىلگىرى ئاساسىي قاتلام مەلۇم قىلىشقىلا ئېتىبار بېرىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشقا قۇربى يەتمەيدىغان، مەبلەغ ئاجرىتىشقىلا دىققەت قىلىپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا دىققەت قىلمايدىغان ئەھۋال ئۆزگەردى.

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى

  دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەنىگە قويىدىغان نەرسىسى بولماسلىق، قەرز ئېلىشى تەس بولۇش، قەرز ئۆسۈمى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دېھقانچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىناۋەتلىك قەرز ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى مالىيە جەھەتتە يۆلەپ، كېپىللىك قەرز مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)>نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››ىنى تارقىتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىلىرىنى قوللاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، مالىيە ياردىمى ئارقىلىق يۆلەش ئۈنۈمىنى زورايتىپ، يۆلەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كېپىللىك شىركەتلىرى، بانكىلار، مەسئۇل تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ، سىناق نۇقتىلىرىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىل بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كېپىللىك قەرز پۇلنىڭ مەبلەغ كۆلىمىنى بەش ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ كېپىللىك قەرز ئۆسۈمى دېھقانلار ئوخشاش مەزگىلدە ئالغان قەرز پۇل ئوتتۇرىچە ئۆسۈمى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۆسۈمدە ئېتىبار بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يۆلەش سۈپىتى ئۆستى؛ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى ئەمەلىي ئىھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغنى جايىدا ئىشلىتىپ، تۈرلەرنى تەلەپ بويىچە ياخشى ئورۇنلاشتۇردى؛ تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ كېپىللىك قەرز پۇل فوندى قىلىنىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، مالىيە مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  بۇ خىزمەت ئاۋۋال سانجى، قۇمۇل، خوتەن، بايىنغولىن، ئىلى قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، 100 مىڭ يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە بولغان كېپىللىك قەرز تۈرلىرى يولغا قويۇلۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ داڭلىق ماركا يارىتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى، مال – چارۋا سېتىۋېلىش ۋە قوتان سېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش، ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىدىغان كۆچمە مەبلەغ ئورنىدا ئىشلىتىلدى ھەم مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ قىلىپ سېلىندى. كېپىللىك قەرز تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، دېھقانلارغا بېرىلىدىغان قەرز پۇل تارقاق، سوممىسى ئاز، تەننەرخى يۇقىرى، تەستىقلاش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى كېپىللىك قەرز ئېلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كېپىللىك ھەققى كېپىللىك فوندىدىن پۈتۈنلەي تولۇقلاپ بېرىلىپ، قەرز پۇل ئۆسۈمى پىرىنسىپ جەھەتتە دېھقانلار ئوخشاش مەزگىلدە ئالغان قەرز پۇل ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى بولمىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى كېيىنكى قەدەمدە مالىيە سېلىنما ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن پائال ئىزدىنىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹يېزا ، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار›› ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر