باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 4 مىليون 790 مىڭ مو ئازايتتى

2015.06.15 19:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېۋەز تېرىقچىلىقى ئەمدى يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەز رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ

  دۇڭ شياۋخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىي تەڭشەپ ئازايتىلغان كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 4 مىليون 790 مىڭ مو بولۇپ، ئازايتىش پىلانىنىڭ %102.7 ى ئورۇندالغان. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى 29 مىليون 670 مىڭ مودىن 24 مىليون 880 مىڭ موغا ئازايتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 25 مىليون مو ئەتراپىدا ساقلاش نىشانى ئاساسەن ئورۇندىلىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق رايونلارغا تېخىمۇ مەركەزلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تېرىقچىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇڭ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا كېۋەز تېرىلمايدىغان يەرلەرگە ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، ئوت – چۆپ، قوغۇن – تاۋۇز ۋە قىزىلچا تېرىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان جايلار تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، پاختا نىشانلىق باھاسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ ھوقۇقى ۋە سۇ باھاسى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، ئاشلىق، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مېۋە، كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۆپەيتىپ، يېڭى زىرائەت، يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان.

  دۆلەت 2015 – يىلىدىكى ھەر توننا پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى 19 مىڭ 100 يۈەن، ھەر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنىڭ سۇندۇرما باھاسى 8.6 يۈەن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا كېۋەزنىڭ (چىگىتلىك پاختا) مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلىنىڭ 275 كىلوگىرام بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە قىممىتى 2365 يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇلتۇرقى مو بېشى ئوتتۇرىچە تەننەرخى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مو يەردىن 222 يۈەن ساپ پايدا ئېلىنىدىغان بولۇپ، تېرىقچىلىقنىڭ ئۈنۈمى ھەر مو بۇغدايدىن ئېلىنىدىغان 219.2 يۈەنلىك ئوتتۇرىچە ساپ پايدىدىن يەنىلا يۇقىرى بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر