باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە مېرس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 150كە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16گە يەتتى

2015.06.15 19:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(مېرس) بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 150كە، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16گە يەتكەن.

  كورېيەدە 14-ئىيۇن بىر كۈن ئىچىدىلا يەتتە يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتى سامسۇڭ دوختۇرخانىسىدا يۇقۇملانغان. ھازىرغا قەدەر، سامسۇڭ دوختۇرخانىسىدا بۇ خىل بىمارلارنىڭ سانى 71گە يېتىپ، بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %49ىنى ئىگىلىگەن، بۇ مېرس ۋىرۇسىنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىنى قاپلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ بەك تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سامسۇڭ دوختۇرخانىسى 14-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال بولۇپ قالمىسىلا كېسەل كۆرۈش ۋە كېسەللەرنى بالنېتسىغا ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەزگىلدە ياۋروپادىكى سلوۋاكىيەدە بىر كورېيە پۇقراسى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ گۇمان قىلىنغان ۋە 13-ئىيۇن دەرھال دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن، بۇ ياۋروپاغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ قالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر