باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2–نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى–سودا يىغىنى ۋە 5–نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك–ئىچمەك كۆرگەزمىسى 7–ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.06.15 19:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2 – نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى – سودا يىغىنى ۋە 5 – نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك – ئىچمەك كۆرگەزمىسى 22 – ئىيۇلدىن 26 – ئىيۇلغىچە شىنجاڭ ‹‹خەلقئارا›› كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 12 – ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، 2 – نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى – سودا يىغىنى كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، خەلقئارا ئۆلچەمدىكى يايما ئورنىدىن 2400 ى تەسىس قىلىنغان، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن 1500 دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

  2004 – يىلى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانچە مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت بايرىمى›› نىڭ دەرىجىسى ‹‹يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى – سودا يىغىنى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانچە مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت بايرىمى›› غا كۆتۈرۈلدى. بۇ يىل ‹‹يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى – سودا يىغىنى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانچە مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت بايرىمى››نىڭ دەرىجىسى يەنە ‹‹ يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسى – سودا يىغىنى ۋە يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك – ئىچمەك كۆرگەزمىسى››گە كۆتۈرۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە مەزگىلىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى شەھەرلەر ئارا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، يەنە 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى ۋە يىپەك يولى خەلقئارا گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ قېتىم 14 كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 40 تىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سودىگەر ئاساسلىقى نان، چاي، سۈت، قەنت – گېزەكنى كۆرگەزمىگە كۆپرەك قويىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، 2011 – يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانچە يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمى››نى ئۇدا تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە ‹‹جۇڭگو مۇسۇلمانچە يېمەكلىك شەھىرى›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر