باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 2015–يىللىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويدى

2015.06.15 19:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز 2015 – يىللىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، كەسىپ قۇرۇلمىسى ياخشى تەڭشەلگەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان رايون ۋە كەسىپلەرنى تاللاپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى تۈرىنىڭ مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئاساسىي نىشان قىلغان تېخنىكا مەكتەپلىرى، كەسپىي تەربىيەلەش ئورگانلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئاممىۋى ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىلىرى بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىللە، بۇنىڭغا مۇناسىپ شەرتلەرنى ھازىرلىمىسا بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تەربىيەلەش سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى؛ يىلىغا 1000دىن ئارتۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالىشى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ھەم يېتىشمەيۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان كەسىپلەرگە ماس كېلىدىغان ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن ئۈچتىن بەشكىچە بولۇشى، كارخانا ۋە جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، كەسپىي تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يىلىغا تەربىيەلەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلاردىن 3000دىن ئاز بولماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ.

  بۇ تەربىيەلەش بازىسى تۈرى يولغا قويۇلسا، مالىيەدىن ھەر بىر تەربىيەلەش بازىسىغا بىراقلا 5 مىليون يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق ھەم كەمچىل بولۇۋاتقان تۆتتىن ئالتىگىچە تۈرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاسراش، خام ماتېرىيال سەرپىياتى، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللارنى تولۇقلاش، ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق تەربىيەلىنىش ۋە باشقا تەربىيەلەش خىراجەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  تەلەپ بويىچە، تەربىيەلەش بازىسى تۈرى بىر يىل يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، كۇرسانتلارنى ئۈچتىن بەشكىچە كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش ئەندىزىسى بويىچە دەرسلىكلىرى تولۇق، ئوقۇتۇش قوللانمىلىرى مۇكەممەل، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق ھەم مۇكەممەل بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە كۆلەملەشكەن تەربىيەلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ، تەربىيەلەش بازىسى تۈرىنى ئىككى يىل يولغا قويۇپ، بۇ بازىلار يىلىغا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلاردىن ئاز دېگەندە 1500نى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغان سەۋىيە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر