باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە ئۈچ كىشى ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى بىلەن يۇقۇملاندى

2015.06.16 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەدە تۈنۈگۈن يەنە 12 كىشىگە ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى ئەۋلاد ئادەمدىن ئادەمگە يۇققان تۇنجى بىمارمۇ بار. ھازىرغىچە كورېيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 138 كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 14 ئادەم قازا قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: كورېيە ئېيتقان ئۈچىنچى ئەۋلاد ئادەمدىن ئادەمگە يۇققان بىمار دېگىنىمىز 20-ماي كورېيەدە كۆرۈلگەن تۇنجى ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بايقالغاندىن كېيىن خۇددى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش ئۈچ قېتىم تارقىلىپ يۇقۇملانغان بىمارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىمار 70 ياشتا، ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئۇ 5-ۋە 6-ئىيۇن كورېيەدىكى 76-بىمارنى توشۇغان جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى ھەيدىگەن. بۇ بىمار 10-ئىيۇن قازا قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۈچ بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتتىكى مۇشۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى ئونغا يەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر