باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ ۋە قۇرئان قىرائەت مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2015.06.16 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 11-نۆۋەتلىك «قۇرئان كەرىم» قىرائەت مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە تولۇق ئاياغلاشتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار تەسىرلىك قىرائەت ۋە ئېسىل ۋەز-تەبلىغ ئارقىلىق، ئىسلامنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش تەشەببۇسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى ئەسەبىي ئىدىيەگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئۈچ كۈنلۈك مۇسابىقە ئارقىلىق، نىڭشيالىق ماھىر ياڭ جىنبو بىلەن شىنجاڭلىق ماھىر ئابدۇۋاھاب راخمان ۋەز تەبلىغ مۇسابىقىسىدە، ئايرىم-ئايرىم خەنزۇتىلى گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شىنجاڭلىق ماھىر ئەلىنىياز ئەلى «قۇرئان كەرىم» قىرائەت مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە «ئوتتۇرا يول، ئىناقلىق، جۇڭگو ئارزۇسى» باش تېما قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، دوڭشياڭ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان قىرائەتكە پىششىق، ۋەز-تەبلىغ سەۋىيەسى يۇقىرى ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر