باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېرىس كېسىلىنى داۋالاش ۋە ساقلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى

2015.06.16 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى، يەنى مېرىس كېسىلىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە دوختۇرخانىلاردا يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: يېقىندا كورېيەدە مېرىس كېسىلى پەيدا بولدى، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەجگە بېرىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشى ھەم ئېلىمىز بىلەن يۇقۇم پەيدا بولغان جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئېلىمىزگە يەنە بىر قېتىم كىرىش خەتىرىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. مېرىس يۇقۇمىغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالاش ئورگانلىرى ئامبۇلاتورىيەگە جىددىي قۇتقۇزۇشقا كەلگەن كېسەللەرنى ئالدىن تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، دىياگنوز قويۇش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ دوختۇرخانىلاردا يۇقۇم پەيدا قىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى؛ يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەرنى داۋالاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى ۋە تارقىلىشچان زۇكام كېسەللىرىنى كۆزىتىپ دوكلات قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ تېببىي خادىملارنىڭ قىزىتما ۋە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىغا كېسەل تارىخىنى سوراپ دىياگنوز قويۇش، تەكشۈرۈش، ئايرىش، يۆتكەپ داۋالاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدە يۇقۇم پەيدا بولغان جايلارغا بارغانلارنىڭ تارقىلىشچان كېسەل تارىخىنى نۇقتىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر