خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭشەھەر يېزىسدىكى دېھقانلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق پۇل تېپىپ ئائىلە تۇرمۇشى ياخشىلانغاندا ئۆز يېزىسىنىڭ ۋە خوشنا يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىقىغا ئېرىشتى. يېقىندا، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭشەھەر يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ساخاۋەتچىلەردىن، يېڭشەھەر يېزا چىلانباغ كەنت 3-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابلاجان ئابلىمىت، 3000 يۈەن، راخمانجان توختى 3000 يۈەن، يېڭشەھەر يېزا يېڭشەھەر كەنت 2-گۇرۇپ ئەزاسى مەھمۇد ئەشمەد 350 دانە قىزىل گالىستۇك، يېڭشەھەر يېزا يېڭشەھەر كەنت 2-گۇرۇپ ئەزاسى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مۇھەممەدجان (ھاجىم) ۋە بوتخو دېھقانچىلىق مەيدانىدىن سائادەتخان (ھاجىم) لار يېقىندا، يېڭشەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل، ۋە ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىپ بەردى. ئالدىن بېيغان ساخاۋەتچىلەر، ۋە دىنىي زاتلار بەس-بەستە سۆز قىلىپ: بىز بۇندىن كېيىن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا، ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئىقتىسادىي ۋە ماددىي جەھەتلەردىن ئىزچىل تۈردە ياردەم بېرىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار، ساخاۋەتچىلەرگە ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزسىدىن گۈل تەقدىم قىلماقتا
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى