باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار كوللىكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخىسلەرنى تەغدىرلىدى

2015.06.16 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: 10-ئىيۇن، باي ناھىيەسى مىللەتلەر خىزمىتى ۋە 8-قېتىملىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىچىلىرىنى تەغدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۈلۈمى قاتارلىق 25 ئورۇنغا باي ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار كوللىكتىپ، ياڭ لىن قاتارلىق 45 نەپەر يولداشقا باي ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار نەمۇنىچى شەخس دەپ نام بەردى ۋە تەغدىرلىدى.

  بۇ ناھىيە 20 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان، ناھىيەلىك پارتىكوم. ھۆكۈمەت مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنىچكە ھالقىلىرىغىچە زىچ ماسلاشتۇرۇپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. زور بىر تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلار بارلىققا كېلىپ، يېزا-كەنتتىكى ياخشى دوختۇر شىيا جۇڭخۇي كېسەل داۋالاپ، خەلق ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يېزىپ چىقتى. ناھىيەلىك تەبەسسۈم تاكسى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى دىلشات ھەسەن «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىچى شەخس» دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ھەمدە پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. خەنزۇ بوۋاقنى بېقىۋالغان رىشىدەم «جۇڭگودىكى ياخشى كىشى» شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇلتۇردىن بۇيان بىر ئورۇن، ئۈچ كىشىگە مەملىكەت، ئاپتونۇم رايۇن تەرىپىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىچى دەپ نام بىرىلىپ، ئۈچ كوللىكتىپ ۋە 10 نەپەر شەخىس ۋىلايەتنىڭ تەغدىرلىشىگە ئېرىشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر