باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

30دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاسىيا–ياۋروپا تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى

2015.06.17 18:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن چياڭۋېينىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە 30 دۆلەت ۋە رايون 2015 – يىللىق ئاسىيا – ياۋروپا تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشنى بېكىتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سودا يەرمەنكىسىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى تۈزىدىكەن، شۇنداقلا سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە كەسىپ مۇنبىرى ۋە سودىگەرلەر كۆرۈشۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. يەرمەنكىگە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئالاقىدار كەسىپلەر ۋە ساھەلەردىكى كارخانا باشلىقلىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار تەكلىپ قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەر كۆرۈشۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردىكى سودىگەرلەر، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سودا ئېھتىياجى ئالدىن ئىگىلەنگەن ئاساستا، بىرمۇ بىر ئۇچراشتۇرۇلىدىكەن.

  ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر يەرمەنكىگە قاتنىشىشنى بېكىتتى. 2015 – يىللىق سودا يەرمەنكىسى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسى ‹‹ئاز، ساز، مەخسۇس›› بولۇش پىرىنسىپى بويىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك كۆرگەزمىسى، ئۈنچە – مەرۋايىت، قاشتاش ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمىسى، چەت ئەل نەپىس بۇيۇملار كۆرگەزمىسىگە ئايرىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر