- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ساياھەت بازىرى چەتئەل مەبلىغى كىرىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ
2015.06.16 15:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن يېقىندا بىر تەستىق ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىنىقىنى كېڭەيتىشىگە قوشۇلدى. لايىھەگە ئاساسەن، چەتئەل سودىگەرلىرى سودا ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش جەريانىدا، ساياھەت تاۋارلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سالسا شۇنداقلا بېيجىڭدا جۇڭگو-چەتئەل شېرىكلىشىپ مەبلەغ سالغان ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇپ، تەيۋەن رايونىدىن باشقا جايلارنىڭ چېگرادىن چىقىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.
چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان ساياھەت كوپىراتىپلىرى كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ-ساياھەت بازارلىرىنىڭ پات ئارىدا چەتئەل مەبلىغى كىرىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىپ، شېرىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى، شېرىك ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر